ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
ئۈچ قىسىملىق ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە گۈزەل تىل . ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات داۋامىدا قەدىمكى تۈركى تىللار دەۋرى، ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، ئىدىقۇت-خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇجەرياندا نۇرغۇن تىللار بىلەن ئۇچىرشىپ ھەم بىر-بىرىگە تەسىركۆرسىتىپ، ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيەۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تىللار بىلەن ئۇچۇرشىشىدىكى بۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئالاقىسىنىڭ ئەندىزىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە تىل تۇسالغۇلىرىنى يىڭىپ، باشقا تىللارنى ئاسانراق ئىگىلىشىگە بەزى ئىمكانىيەتلەرنى يارتىش بىلىن بىللە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ قىسمەن سەۋەب بولدى. بۇھال مەزمۇن دائىرسى كەڭرەك، چۈشىنىش قۇلايلىقراق بولغان [ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ] كىتابىنىڭ تۈزىلىشىنى تەقەززا قىلدى. مۇشۇ ئىھتىياج ۋە تەلەپكە ئاساسەن، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى يىڭى نەتىجلەرنى ئىمكان قەدەر تۇلۇق ئەكىس ئەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئىمكان قەدەر ئاممىباپ تىل بىلەن چۈشەندۈرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە قۇلىڭىزدىكى بۇكىتاپ تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات قىلغۇچىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئەسەر بۇلۇپ قالغۇسى!
| Attachment | چوڭ- كىچىكلىكى |
|---|---|
| hazirqi-zaman-uyghur-tili-1.pdf (210.95 MB) | 210.95 MB |
| hazirqi-zaman-uyghur-tili-2.pdf (228.12 MB) | 228.12 MB |
| hazirqi-zaman-uyghur-tili-3.pdf (148.16 MB) | 148.16 MB |
ئەسەر، نەشرىيات، ئاپتور ئىسمىنى بېسىپ ئىزدەڭ!
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
كىتابلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجى بويىچە ئېلكىتاب شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىڭ
ئۇلانمىلار
كۇتۇپخانىغا كىتاب ئىئانە قىلىڭ
تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى — ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ) تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىتاب ھەم مەنبەلەرنى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاكادېمىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ئورگاندۇر. مەزكۇر تېمىلارغا ئائىت .كىتاب، تەتقىقات ئەسەرلىرى ياكى ژۇرناللارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنى بۇ ماتېرىياللارنى كۇتۇپخانىغا ئىئانە قىلىشقا تەكلىپ ۋە تەشەببۇس قىلىمىز. ھەر بىر ئىئانە قىلىنغان ئەسەر، كۇتۇپخانىدا ئالاھىدە ۋە كۆرۈنەرلىك بىر رامكىدا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە ساقلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن.
